جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ تىجارەت مۇساپىسى 140 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى

7- ئايدا تۇراقلىق مۈلۈككە 67 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى

日期:2020年08月10日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو دۆلەت تۆمۈر يولى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 67 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىچىدىكى چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 49 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشتى. 2020- يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگونىڭ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 141 مىڭ 400 كىلومېتىرغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللار 36 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7- ئايدىن بۇيان، تۆمۈر يول تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى، ھەمدە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تەشكىللەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئىش باشلىنىۋاتقان تۈرلەرنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  بىر قىسىم يېڭى لىنىيەلەر ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شاڭخەي-سۇجۇ-نەنتۇڭ تۆمۈر يولى، ئەنشۈن-ليۇپەنشۈي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋە 7- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۆز قەرەلىدە قاتناش باشلىدى. رايون يول تورى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى قوشتى. 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى لىنىيەلەر 1310 كىلومېتىرغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريوللار 733 كىلومېتىرغا يەتتى.