دۆلىتىمىز پەن تەتقىقات ئىستىلى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا پىلانى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتتى

日期:2020年08月10日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا پىلانى (مەخسۇس تۈر، فوند قاتارلىق) ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ پەن تەتقىقات ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پەن تەتقىقات ئىستىلى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پەن تەتقىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈرلۈك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلار پەن-تەتقىقات ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا پىلانى (مەخسۇس تۈر ۋە فوند قاتارلىقلار) ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، پەن تەتقىقات ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دائىملىق باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇچۇر يوللاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، چوڭ-چوڭ پەن تەتقىقات ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى چوقۇم تەلەپ بويىچە شۇ جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا يوللاش، پەن-تېخنىكا پىلانى (مەخسۇس تۈر، فوند قاتارلىقلار) پەن تەتقىقات تۈرى، يېڭىلىق يارىتىش بازىسى، پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى ۋە ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان تارماقلارغا، شۇنداقلا ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يولللىشى كېرەك. ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات سەمىمىيەت باشقۇرۇش ئۇچۇر سېستىمىسى ئارقىلىق ئۆز ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات ئىستىلى ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا، ئىلمىي ماقالىگە ئىلمىي ۋە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، ئىلمىي ماقالىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلىش سانى، تەسىر كۆرسىتىش ئامىلى قاتارلىقلارنى مۇكاپات پۇلى بىلەن باغلىماسلىق، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا پىلانى (مەخسۇس تۈر، فوند قاتارلىقلار) مەخسۇس تۈر مەبلىغى بىلەن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشقا بولماسلىق قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىنى جەملەپ تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئۆز ئورنىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كۈندىلىك تەربىيەلەش ۋە يېتەكلىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئورنى ئېلان قىلماقچى بولغان بۆسۈش خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە زور پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش، ئۆز ئورنىدىكى خادىملارنىڭ پەن تەتقىقات ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ پەن تەتقىقات ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ئىناۋەت خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ساقلانغان مەسىلىلەر كۆپرەك بولغانلار، نۇقتىلىق نازارەت قىلىش ئوبيېكتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.