ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتى بارلىق نامرات يېزا-بازارلارنى قاپلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىشقا كۈچ قوشتى

日期:2020年08月10日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، سىچۈەندە يېڭىدىن قۇرۇلغان نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەيدىغان 448 ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتىنىڭ كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ تولۇق يوللىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ يەر يۈزى كۆزىتىش پونكىتى تورى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ئىلگىرىلەش بولدى، مەملىكەت بويىچە 1185 نامرات يېزا-بازارلاردا ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتى قۇرۇلۇپ، تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، مەملىكەت بويىچە نامرات رايونلاردىكى ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتلىرى ئاز بولۇش، مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش ماتېرىياللىرى بوش رايون كۆپ بولۇش، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، مېتېئورولوگىيە ئارقىلىق ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىشنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاش ۋە ھاياتلىق بىخەتەرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، تۇرمۇشنىڭ باياشاتلىقى، ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى بولۇشى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  نامرات رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېگىزلىك، تاغلىق رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، قارا يامغۇر، چاقماق، مۆلدۈر، بوران قاتارلىق ھاۋارايى ئاپەتلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، ئاپەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقى كۈچلۈك بولدى. كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، سىگنال بېرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، ئاپەت سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىق ئېغىرلىشىش ئەھۋالى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى.

  2016-يىلى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە ھاۋا رايى كاپالىتى ھەرىكەت پىلانى (2016- 2020)» نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە 2018-يىلى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەملىكەت بويىچە نامرات يېزا-بازارلاردا ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ بىر تۈركۈم مېتېئورولوگىيە پونكىتلىرى كۆپ ئامىللىق پونكىتلارنى ئاساس قىلىپ، تېمپېراتۇرا، نەملىك، يامغۇر مىقدارى، شامال يۆنىلىشى ۋە شامال سۈرئىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى نۇقتىلىق يىغدى.

  نامراتلارنى يۆلەش ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى يەرلىك نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، نامرات ئاممىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل، سىچۈەن قاتارلىق سەككىز ئۆلكىدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىن 1248 نى تەسىس قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.