7-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشتى

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئېشىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

日期:2020年08月10日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 7-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت %10.4، ئىمپورت %1.6 ئاشقان. بۇ، 6-ئايدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت ئېشىش سۈرئىتىنىڭ قوش مۇسبەتكە ئايلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ 7-ئايدىكى تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورتى 2.93 تىرىليون يۈەن بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 1.69 تىرىليون يۈەن، ئىمپورت 1.24 تىرىليون يۈەن بولغان، سودا ئاكتىپ بالانىسى 442 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %45.9 ئاشقان.

  ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 17.16 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 تۆۋەنلىگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئىنت قىسقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 9.4 تىرىليون يۈەن بولۇپ %0.9 تۆۋەنلىگەن؛ ئىمپورت 7.76 تىرىليون يۈەن بولۇپ %2.6 ئازايغان؛ سودا ئاكتىپ بالانىسى 1.64 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ %8.1 ئاشقان.

  ئادەتتىكى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت نىسبىتى ئاشقان، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت ئىمپورت-ئېكسپورتى ئاشقان. ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىكى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى 10.35 كە يېتىپ %0.5 تۆۋەنلەپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60.3 ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 ئاشقان. ئېلىمىزنىڭ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى شەكلىدە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشى 2.07 گە يېتىپ، %2.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 700 مىليارد 270 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.3 ئاشۇرۇلغان؛ ئىمپورت قىلىنغىنى 1.37 بولۇپ، %1.7 ئاشقان.

  ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى، سالمىقى ئاشقان. ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئىمپورت-ئېكسپورت 7.83 بولۇپ، %7.2 ئاشقان، بۇ، ئېلىمىز تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %45.6 نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.8 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.