ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمى تەڭپۇڭلاشتى

日期:2020年08月10日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ دائىملىق ئىسچوتىدىكى ئاكتىپ بالانىس 85 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، مال سودىسىنىڭ ئاكتىپ بالانىسى 184 مىليارد 400 مىليون دوللار، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ پاسسىپ بالانىسى 76 مىليارد 500 مىليون دوللار، تۇنجى قېتىملىق كىرىم پاسسىپ بالانىسى 24 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئىككىنچى قېتىملىق كىرىم پاسسىپ بالانىسى 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە ئىسچوتىدا، بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ئاكتىپ بالانىسى 18 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، زاپاس مۈلۈك 5 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازايغان.

  دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ دائىملىق ئىسچوتىدىكى ئاكتىپ بالانىس 85 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) بىلەن بولغان نىسبىتى %1.3 بولۇپ، داۋاملىق مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشتى؛ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشتا ساپ ئېقىپ كىرىش كۆرۈلۈپ، ئاكسىيە بازىرىدا قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشى جانلاندى.

  ۋاڭ چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمى يەنىلا تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇردى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى. بۇ ئاساسىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلەر كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
  مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15820773.html