گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ساقلاش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش-تۈزەشنى دەرھال قانات يايدۇرۇش كېرەك

日期:2020年08月06日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 5- چېسلا مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس سىن يىغىنى ئاچتى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ساقلاش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز دۇنيادا خىمىيە سانائىتى بويىچە چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئېلىمىزدە خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇملارغا چېتىلىدىغان پورت، پىرىستان، ئامبار، دۆۋىلەش مەيدانى ۋە خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى ۋە توشۇش پاراخوتى قاتارلىقلار زور مىقداردا مەۋجۇت، شۇڭا، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. لىۋان بېرۇتتىكى زور پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پورت، پىرىستان، ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرى، خىمىيە سانائىتى رايونى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ساقلاش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش-تۈزەشنى دەرھال قانات يايدۇرۇش كېرەك. جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ ساقلاش ھالقىسىدىكى تەدبىرلەرنى، يەنى تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، شامال ئۆتۈشتۈرۈش ۋە ئوتتىن يىراق تۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مىقداردىن ۋە تۈردىن ئاشۇرۇپ ساقلاش ۋە بىر-بىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ساقلاشنى قاتتىق مەنئى قىلىش، سوۋۇتۇش، پۈركۈش، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، ئوت ئۆچۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق قۇرۇلما ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك تاموژنىلار چوقۇم خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارغا چېتىلىدىغان بارلىق پورت، ئامبار مەيدانى ۋە پىرىستانلارنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك شەرتى ئۆلچەمگە توشماسلىق، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ساقلاش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىلاشتۇرۇپ ساقلاش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار چوقۇم ئۆز ئىش تەقسىماتى بويىچە، پارتلىتىش مەشغۇلاتىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاممونىي نىترات قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ۋە ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇنداق بۇيۇملارنىڭ سېتىلىش-سېتىۋېلىنىش ئىجازىتىنى تەستىقلاش ۋە ئېقىش يۆنىلىشى ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىخەتەر تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جايلار ئاممونىي نىترات قاتارلىق پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ساقلايدىغان بارلىق سورۇنلارغا قارىتا خەۋپ-خەتەر نورمىسىنى باھالاپ بېكىتىش تۈزۈمىنى ئونىتىشى كېرەك. ئىشنى مەنبەدىن تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ساقلاش تۈرلىرىنى بىرلىشىپ تەستىقلاش ۋە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ساقلاش كارخانىلىرىنى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.