جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرسلىرىدىكى «يول باشلاش پىلانى»نى يولغا قويدى

日期:2020年08月06日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلارنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرسلىرىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسلەر ۋە يېڭى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى يولغا قويۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى يېقىندا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسلىرىدىكى «يول باشلاش پىلانى»نى يولغا قويدى.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2019 - يىلى 6 - ئايدا «يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. 2022- يىلىغا بارغاندا، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە خاسلىققا ئىگە تەرەققىي قىلىدىغان مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ماس كېلىدۇ.

  جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇ جىۋېن مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى دەرسلەر ئىسلاھاتىدا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولۇش ياكى بولماسلىقنىڭ ئاچقۇچى ئۇنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە؛ دەرس ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەڭ مۇھىمى بىرىنچى سەپتىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى دەرسلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، جايلار يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە ئەمەلىي ئۈنۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە ئىنتايىن جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

  جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ يىنفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،«يول باشلاش پىلانى» مائارىپ مەمۇرىي خادىملىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارغا يۈزلەنگەن كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق، تەتقىقات خاراكتېرلىك تەربىيەلەش سىستېمىسىدۇر. ئۇ، بىر قاتار تەتقىقات ۋە ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يېڭى دەرسلەر لايىھەسى، يېڭى دەرسلەر ئۆلچىمى ۋە يېڭى دەرسلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.