خەلق گېزىتى ئوبزورى: گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى

日期:2020年08月06日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەن 2019- يىلى 1- ئايدا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شاڭگاۋ ناھىيەسى خەنتاڭ بازىرى جاۋتيەن كەنتىگە كېلىپ، شۇ يەردە 1- شۇجى بولدۇم. بۇ جايغا مەن تېخى يېڭى. ۋەزىيەتنى قايسى يوسۇندا كۆزىتىپ، قانداق ئېچىشىم كېرەك؟

  مەن يەڭلىرىمنى تۈرۈپ، يۇرتداشلارغا ياردەملىشىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ، سۇ توشۇپ يەر سۇغىرىشىپ بېرىپ، ئوت-چۆپ ئۇرۇشۇپ، چوشقا بېقىشىپ، نېمە كۆرسەم شۇنى قىلىپ يۈرۈپ، كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بارغانسېرى پىششىق بىلىپ كەتتىم. بەزىدە خاتىرە دەپتەرنى ئۆيگە ئېلىپ بارمىسىمۇ، كۆڭلۈمدە بىر پارچە ھېسابات دەپتىرى بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن يۇرتداشلار بىلەن بارغانسېرى يېقىن بولۇپ كەتتىم.

  خىزمەتتە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، نېمىنى تېرىش، نېمىنى بېقىش، قەيەردىن كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ ئەمەلىيەت داۋامىدا چۈشىنىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەردىن ئەقىل سوراپ، يۇرتداشلارنى تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرگە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بىر قارارغا كەلدۇق، ئاخىرىدا بىز بامبۇك نوتىسىنى تاللىدۇق. جاۋتيەن كەنتىدە يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدىكەن، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدىكەن، كىلىماتى مۆتىدىل، نەم بولغاچقا، زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۆسۈشىگە باب كېلىدىكەن. ئىچكى جەھەتتە دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بازا قۇرۇپ، بازارغا بېرىپ زاكاز ئىزدىدۇق، بامبۇك ئۆستۈرۈش كۆلىمى ناھايىتى تېزلا كېڭىيىپ، ئەسلىدىكى نەچچە ئون مودىن ھازىرقىدەك نەچچە يۈز موغا كېڭەيدى. كەنتتە بىر نامرات ئائىلە بار بولۇپ، تۇنجى يىلىلا 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى قايتا نامراتلىشىش خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كېلىدىغان ئېھتىماللىق يەنىلا مەۋجۇت. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭغا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. نامرات ئاممىنىڭ ئاساسى ئاجىز ۋە خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، تاسادىپىيلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، يۆلەپ چىقىرىپ قويغاندىن كېيىن تېخىمۇ يېراققىچە ئۇزۇتۇپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا كەنت بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى يەر ئوبوروتىدا ئويمان جايلاردىكى بامبۇك پارنىكىنىڭ ھەممىسىنى يەر شەكلى ئېگىزرەك جايغا ئالماشتۇردى. يېقىندىن بۇيان يامغۇر كۆپ ياغقان بولسىمۇ، بامبۇك پارنىكىمىز كەلكۈننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىدى، نەتىجىدە، تۇنجى پەسىلدىكى ئۈزۈشتىلا تەننەرخىنى قايتۇرۇۋالدۇق. كەنتتىكى نامرات ئاممىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، كەنتىمىز يەنە سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى «بىر يۈرۈش سۇغۇرتىغا كىرگۈزۈش»تەك تەدبىر بىلەن تەمىنلىدۇق.

  «بىرەر ئىش قىلغاندا، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولغاندا، قىيىنچىلىق ئەڭ ئېغىر بولىدۇ.» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش باسقۇچىغا ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كەلدى. جاۋتيەن كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ سانى ئەڭ دەسلەپكى 41 ئائىلە 105 ئادەمدىن ھازىرقى ئۈچ ئائىلە بەش ئادەمگە ئازايدى. تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان ئۈچ ئائىلىلىك يۇرتداشنىڭ ئىككىسى ئىگە-چاقىسىزلار، يەنە بىرى مېيىپ بولۇپ نامراتلىشىپ كەتكەن كىشى. يېقىندا كەنت ئۇلارغا بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بېرىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياردەم بەردى. كاپالەت تورىنىڭ زىچ ۋە پۇختا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىپ، بىرىمۇ كەم بولماسلىققا ۋە بىرىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى.

  نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ياراتقىلى بولىدۇ.
  مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15819895.html