گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى ئىنتايىن خەتەرلىك

日期:2020年08月06日
来源:天山网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزى خەۋەرلەردە، ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئازا يېقىندا تەيۋەندە زىيارەتتە بولىدۇ، دېيىلگەنلىكىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 5-ئاۋغۇست مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىغا بىنائەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، تاشقى كۈچلەرنىڭ قول تىقىپ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدا چىڭ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تەيۋەن رايونى بىلەن ھۆكۈمەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى چەت ئەل كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، شاھمات ئۇرۇقى بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك، شۇنداقلا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.