دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق سەككىز تارماق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى

ئاقىلانىلىك بىلەن تارتۇقلاشقا يېتەكلەپ، رىياسەتچىلەرنىڭ مال سېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك

日期:2020年08月05日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، توردا بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇنىڭدا، مەخسۇس تۈزەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، باش دىكتورنىڭ ھېسابات نومۇرىنى دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسى مەدەنىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئابۇنىچىلارنى ئاقىلانىلىك بىلەن پۇل ئۇرۇشقا يېتەكلەپ، باش دىكتورلارنىڭ مال سېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلغان ئىككى ئايدىن بۇيان، تارماقلار قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، بىۋاستە كۆرسىتىشكە چېتىشلىق 38 نۇقتىلىق دېلوغا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۇپىنىڭ زىيانلىق ھېسابات نومۇرى ۋە ئۇچۇرلارنى ئېنىقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر تۈركۈم قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تور باش دىكتورلىرىنى چەكلىدى. بىراق بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى نۇرغۇن ساقايماس كېسەللەر تېخى تۈگىمىدى. شۇڭا، يۇقىرى سوممىلىق پۇل ئۇرۇش قىلمىشىدىكى ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىغا زەربە بېرىپ، تور دەرسىنى بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىدە چاكىنا مەزمۇنلارنى يوللاش ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بىۋاستە كۆرسىتىپ مال ئېلىپ سېتىش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك مەسىلىلەرنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىش كېرەك.