پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە بويىچە چەكلەيدۇ

日期:2020年08月05日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورى ئارقىلىق «پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارغا ئېنىق چەك قويدى، ھەمدە كونكرېت بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  بۇ «بەلگىلىمە»نىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى پەن-تېخنىكا پائالىيىتىنى ھاۋالە قىلغۇچى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، ھاۋالە قىلغۇچى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، يولغا قويغۇچى ئورۇن، پەن-تېخنىكا خادىملىرى، مەسلىھەت بېرىش-باھالاش مۇتەخەسسىسلىرى، 3- تەرەپ پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قاتارلىقلارنى قاپلايدۇ.

  بۇ، پەن-تېخنىكا پائالىيىتىنى يولغا قويغان ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش، مادارا قىلىش، قانات ئاستىغا ئېلىش، يول قويۇش ياكى ئۆز ئورنىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش؛ مالىيە پەن تەتقىقات مەبلىغىنى قىسىپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش، يۆتكىۋېتىش ۋە ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا قارىتا، 12 خىل قىلمىش تۆۋەندىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇلار بولسا، پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدە مەلۇم قىلىش، باھالاش، يولغا قويۇش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش، باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە «سالام بېرىش» ۋە «مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق ھاۋالە قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش؛ تەتقىقات ئاساسى، ئىلمىي قىممىتى ياكى پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ تېخنىكا قىممىتى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى قەستەن كۆپتۈرۈپ، تېخنىكا خەۋپ-خەتىرىنى يوشۇرۇپ، سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىش ياكى مالىيە مەبلىغىنى زىيانغا ئۇچراتقۇزۇش؛ باشقىلارنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆچۈرۈش، ئوغرىلاش، ئىگىلىۋېلىش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىش، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، پەن-تېخنىكا ئېتىكا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  مەسلىھەت بېرىپ باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مەسلىھەت بېرىش، باھالاش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش؛ باشقا مۇتەخەسسىس ياكى خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ ۋە ۋائىزلىق قىلىپ، باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانى ۋە نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  بەلگىلىمىگە خىلاپ يۇقىرىقىدەك قىلمىشلارغا قارىتا، «بەلگىلىمە» دە نۇرغۇن چەكلەش ماددىلىرى ئايدىڭ كۆرسىتىلىپ، بىر قاتار بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى قوللىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇلار، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قوللاشقا ئالاقىدار پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ قالدۇق مەبلىغى، ئاجرىتىپ بېرىلگەن مالىيە مەبلىغى ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ تاپاۋىتى قاتارلىقلارنى قايتۇرۇۋېلىش، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق ھەرىكىتى بولغانلار ئەنگە ئېلىنىپ، ئۇلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا خاتىرىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ۋە شەخسكە بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە ھەتتا مەڭگۈلۈك ھالدا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

  بۇ بەلگىلىمە 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
  مەنبە:http://uyghur.people.com.cn/155989/15819577.html