پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق ۋە خەلق ئۈچۈن ئىشلىسەك، غەلىبە قىلالايمىز

日期:2020年08月05日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئەل رايىنىڭ مايىللىقى ۋە ئەل كۈچىنىڭ مۇستەھكەملىكىلا تۈۋرۈك قىلىنىدىكەن، خەلق ئارمىيىسى ھەممە يەردە غەلىبە قىلالايدۇ.

  «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش ۋە ئىستىلى ياخشى بولۇش»لا بولىدىكەن، خەلق ئارمىيىسى ئەڭ جىددىي پەيتتە ۋە ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ. ئەنە ئاشۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئارقىمۇ ئارقا سۇنۇلغان جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسلىرى، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتكە قارشى يۆنىلىشكە قاراپ تىركىشىپ ماڭغان كۈرمىڭلىغان كىشىلەر، «ئۇرۇش بولۇپ قالسا، چاقىرسىلا چوقۇم بارىمىز، ھەم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەيدىغان جەڭگىۋار روھنى نامايان قىلدى. يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كەلكۈن ئەھۋالى كەسكىن بولدى. خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى ئاپەت ئالدىدا، خەتەردىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەنە بىر قېتىم ئاتلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. كەلكۈن ئېغىزىنى ئېتىپ، ئاممىنى يۆتكەپ، قەيەردە خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە، شۇ يەردە ئۇلار ئالدىراش بولۇپ يۈردى؛ توسمىلارنى مۇستەھكەملەپ، توسمىلارنى چارلاپ، خەتەرلىك جايلارنى تەكشۈردى، ئۇلار بارغانلا يەردە، شۇ يەردىكى خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇردى ۋە ئاممىنى خاتىرجەم قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئارمىيىسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىشكە بولىدىغان قەھرىمان قوشۇن بولۇپ، مۇھىم پەيتتە ئۇلار ھەممىگە تاقابىل تۇرالايدۇ، ئۇلار ئىشەنچلىك بولۇپ، جەڭدە غەلىبە قىلالايدۇ.

  يۆنىلىش بولغاچقىلا قۇدرەت بار بولدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ خەلق ئارمىيىسىگە چاقىرىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا «ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇيرۇقى»نى چىقاردى. ئۇ قومانداننىڭ شۇ بىر بۇيرۇقى بىلەن تەڭ، پۈتۈن ئارمىيە دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى، يەنى، پارتىيە قەيەرگە بۇيرىسا جەڭ شۇ يەردە بولىدۇ، پارتىيە بايرىقى قەيەردە جەۋلان قىلسا، غەلىبە شۇ يەردىدۇر، دەپ بۇيرۇقنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ بۇيرۇققا بويسۇنۇپ ھەرىكەتكە كەلدى. «پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز». بۇ سۆز پەقەت بوران-چاپقۇنلۇق ئۇزاق ئىنقىلاب يولىغا ئويۇلۇپلا قالماي، يەنە ھەر قېتىمقى ئاپەت بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدىمۇ نامايان بولدى. خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدا، ئارمىيەدىن خۇبېيغا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن داۋالاش ئەترىتدىن ۋاقىتلىق تەشكىللەنگەن ھەر بىر پارتىيە ياچېيكىسى «يۇقۇمغا قارشى جەڭ قورغىنى» ئىدى؛ پوياڭ كۆلى توسمىسىدا، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش قىسمى يۈزدىن ئارتۇق «پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلىق ئەترىتى»نى تەشكىللەپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك ۋە ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغان «قاتتىق يادرو»لۇق كۈچكە ئايلاندى. پارتىيەگە سادىق بولۇش، بۇ، خەلق ئارمىيىسىدە پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلىدىغان قەتئىي ئىرادىنى بارلىققا كەلتۈردى، ھەم شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەڭداشسىز بولغان قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئىجادىيەت كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئاشۇردى.

  ئىشەنچىلىك بولغاچقىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، يېقىملىق بولغاچقىلا ئوماق كۆرۈنىدۇ. كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا، «قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ كەنجى شاللىرىنى تىكىشىگە ياردەم بەردى.» دېگەن بۇ خەۋەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. توسما ئۈستىگە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش مۇستەھكەم لىنىيىسىنى ياسىدى، توسما ئاستىدا لاي-لاتقىلارنى تازىلاش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بەردى. ئۇلار جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان ۋە تېرىقچىلىق قىلىپ تېز يىغىۋالالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. دېمەك، بەزىلەرنىڭ جۇڭگو ھەربىيلىرى «ھەممىگە قادىر» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن. نېمە ئۈچۈن ئۇلار «ھەممىگە قادىر»؟ چۈنكى ئۇلار خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئېگىز ئورۇندا تۇتىدۇ. ئۇلار «پۇقرالارنىڭ ئىشى ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىشتۇر.» دەيدىغان ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ئىگەللىمەكچى بولغان ماھارەت ھەرقانچە ناتونۇش بولسىمۇ، ئۇنى تېز ئۆگىنەلەيدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ. ۋۇخەنگە ياردەم بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە، نۇرغۇن بىمارلار مۇنداق دېدى: ئارمىيىدىكى تېببىي خادىملار بىزگە خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ناھايىتى كۆيۈمچانلىق بىلەن قارىدى. بۇنداق «يېقىنچىلىق تۇيغۇسى»نىڭ مەنبەسى ئەمەلىيەتتە ئارمىيە قەلبىنىڭ پارتىيە قەلبى ۋە خەلق قەلبى بىلەن بىر تۇتاش بولغانلىقىدا. ھەربىيلەرنىڭ قەلبىدە ئېغىر خەلق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خەتەرلىك پەيتتە ئۇلار دۈشمەننى مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا توسۇپ ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئاپەت جەريانىدا خەلقنى سۇ ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ، ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدۇ.

  ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكى جەريانلاردا، يەنى ئۇلارنىڭ سارسقا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن تارتىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشقىچە ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە، يەنە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە ھەممىسىگە قاتنىشىپ ياردەم بېرىشى جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن چوڭقۇرلاشتى، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش داۋامىدا يۈكسەلدى. مەلۇم قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر توسمىدا خەتەردىن قۇتقۇزۇۋاتقاندا، شۇ جايدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوفېتسىر ئەسكەرلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن كىيىملىرىنى تىكىپ بەردى، بۇنىڭدا خەلق ئاممىسىنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى نامايان بولدى؛ گۇاڭشى گۈيلىندىكى بىر قىزچاق مەكتەپنىڭ لاي-لاتقىلارنى تازىلاشقا ياردەم بەرگەن قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىگە بىر بوتۇلكا سۇ بەردى ھەمدە ئۇلارغا سالام بەردى؛ ئەنخۇي شېشيەن ناھىيەسىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە كوللېكتىپ تەزىم قىلىپ رەھمەت ئېيتتى. دېمەك، ھەربىيلەر خەلقنى سۆيىدۇ، ئامما ئارمىيىنى ھىمايە قىلىدۇ.
  مەنبە:  http://uyghur.people.com.cn/155989/15819895.html