تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشى

日期:2020年08月05日
来源:人民网
【字体:

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە، تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىغاچقا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى مىللىي مۇستەقىللىق، خەلق ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى تاپتى.

  ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىچكى-تاشقى مالىمانچىلىققا پېتىپ قالدى، جۇڭگو خەلقى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، يۇرت-ماكانىنىڭ ۋەيران بولۇشى، خەلقنىڭ كۈن كەچۈرەلمەسلىكتەك ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈردى. مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلار تىز پۈكمەي، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى، ھەر خىل سىناقلارنى ئېلىپ باردى، لېكىن كونا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى يەنىلا ئۆزگەرتەلمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تارىخىي ۋەزىپىنى ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنتايىن جاپالىق كۈرەش قىلىپ، تاغنى تالقان قىلىدىغان ھەيۋەتلىك داستانلارنى ياراتتى.

  28 يىل قانلىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ياپون جاھانگىرلىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار زارىقىپ كۈتكەن مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 70 نەچچە يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ياش جۇمھۇرىيەت بېكىنمە، قالاق ھالەتتىن ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، خەلقنىڭ كىيىمى پۈتۈن بولماسلىق، قورسىقى تويماسلىقتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، «جۇڭگو» ناملىق چوڭ پاراخوت دۇنيانىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا دولقۇن يېرىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  كۆز يەتكۈسىز ئېقىنلار مۇستەھكەم تۈۋرۈكنى نامايان قىلىدۇ، ھەيۋەتلىك تاغلار ئاساسىي چوققىغا تەلپۈنىدۇ. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى تاللىشى توغرا، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك شەرت. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدۇ!
  مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15820773.html