جۇڭگو پەن تەتقىقات خادىملىرى قىچا گېنىنى كۆچۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بەرپا قىلدى

日期:2020年08月05日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ياغلىق دان زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئورۇننىڭ ياغلىق دان زىرائەتلىرى گېن گۇرۇپپىسى ئىلمى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئەترىتى قىچا گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تولۇق كۆچۈرۈش ئۇچۇر شىفىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېشىپ چىقىپ، قىچىنىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق گېنىنىڭ كۆچۈرۈلۈش خەرىتىسىنى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ بىلەن قىچا ئىقتىدار گېنى تەتقىقاتىدا تۇنجى قېتىم نىسپىي ئۆلچەملىك پايدىلىنىشقا بولىدىغان گېن كۆچۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بارلىققا كېلىپ، ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ تۈر تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا تور ئارقىلىق خەلقئارادىكى داڭلىق «The Plant Journal» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

  بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان ئالاقىدار پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىچا گېن گۇرۇپپىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 200 مىليون ئىشقار رادىكالى ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق گېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇ زور مىقداردىكى گېن گۇرۇپپىسى ئۇچۇرلىرىنى قانداق چۈشەندۈرۈش ئىقتىدار گېنى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالغان. مولېكۇلا بىيولوگىيەسىنىڭ مەركەز قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، گېنلار كۆچۈرۈلۈش ئارقىلىق mRNA (خەۋەرچى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا) شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن ئاقسىل ھاسىل قىلىدىكەن. گېننىڭ كۆچۈرۈلۈشىدە ئادەتتە كۆپ خىل ئۆزگىرىشچان قايچىلىنىش شەكلى بولغاچقا، بىر گېن نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان mRNA نى شەكىللەندۈرەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تېخنىكا ۋە بايلىقنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، قىچىنىڭ پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسى سەۋىيەسىدىكى بارلىق گېنلارنىڭ كۆچۈرۈلۈش mRNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىزچىل كەمچىل بولۇپ، قىچىنىڭ ئىقتىدار گېنى تەتقىقاتىدا سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە پايدىلىنىشقا بولىدىغان گېن ئىزاھلاش ئۇچۇرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.