گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى

日期:2020年08月04日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىدە ئۈچ يىللىق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئىشخانىسى ۋە خىزمەت مەخسۇس سىنىپى قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمى خەتەرلىك بۇيۇملار زور خەتەر مەنبەسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش-ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 7600دىن ئارتۇق خەتەرلىك بۇيۇملار زور خەتەر مەنبەسى كارخانىسى ۋە 22 مىڭدىن ئارتۇق زور خەتەر مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلدى.

  4- ئاينىڭ بىشىدا، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتتى. ھازىرغا قەدەر، 96 مەركەز كارخانىسى ۋە مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى يولغا قويۇش لايىھىسىنى بېسىپ تارقاتتى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا 35 ئورۇنمۇ بۇ لايىھەنى ئارقا-ئارقىدىن بېسىپ تارقاتتى. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا يولغا قويۇش لايىھىسىنى تولۇق بېسىپ تارقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 28 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) بۇ مەملىكەتلىك لايىھەدىكى «9 + 2 + 1» ئەندىزىسى ئاساسىدا تۈزەش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.