دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

日期:2020年08月03日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:

  1. ياڭ زىگاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېرىترىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  سەي گې جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېرىترىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

  2. فۇ جىجۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لىبېرىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  رېن يىشېڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لىبېرىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

  3. ۋۇ خەيتاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  دەي بىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

  4. گېڭ شۇاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.