شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر قانۇن كېڭىشىنىڭ سايلىمىنى كېچىكتۈرۈشنى قوللايدۇ: ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك

日期:2020年08月03日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى 7- نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشى سايلىمىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، قانۇن ساھەسى ۋە تېببىي ساھەدىكى زاتلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئالاقىدار قارارلار شياڭگاڭدىكى ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ قانۇن ئاساسى تولۇق بولۇپ، بۇ قارار ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىز نۆۋەتتە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنزۇڭ 8- ئاينىڭ 2- كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن كېڭىشى سايلىمىنى كېچىكتۈرۈشتە ئاممىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى نۇقتىسىدىن چىقىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇن ئاساسى تولۇق، ھەمدە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. قانۇن كېڭىشى سايلىمىنىڭ كۆلىمى زور ۋە كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى بولغاچقا، سايلىغۇچىلار، نامزاتلار، قوللىغۇچىلار ۋە بىلەت تاشلاش پونكىتى خادىملىرىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ. يەنە كېلىپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن نۇرغۇن سايلىغۇچىلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشى چەكلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار شياڭگاڭغا قايتىپ كېلىپ بېلەت تاشلاشقا ئامالسىز قالىدۇ، ئەگەر ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلسە، ئۇ ئادىل ۋە ئاشكارا بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن ماۋبو «يۇقۇمنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش جېڭى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ھەرقانداق تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئاسانغا توختىمايدۇ، مەسىلەن، قانۇن كېڭىشىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مىسال، لېكىن يۇقۇمنى كونترول قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىزمەتكە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق خىزمەت سىياسىي تالاش-تارتىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ۋىرۇس ھەرگىز سىياسىي قاراشنىڭ تالاش-تارتىشى تەرىپىدىن يوقىتىلمايدۇ، پەقەت تارقىلىش بوشلۇقى بولمىغاندىلا ئاندىن ئۇ يوقايدۇ. مەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىختىلاپنى تاشلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەن خۇيجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقى زور تەھدىتكە ئۇچرىدى. ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بولسا، تېخىمۇ مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە قانۇنلۇق بىر تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  شياڭگاڭ رايونلۇق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شياڭگاڭ جۇڭگو ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىكى بەرپا قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن مەنچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە جامائەت ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جىددىي پەيتتە قانۇن كېڭىشىنىڭ سايلىمىنى كەسكىن تۈردە كېچىكتۈردى. ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللاشقا ئەرزىيدۇ.

  شياڭگاڭ قانۇنشۇناسلىق ئالاقە فوندى جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 158- ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، نېگىزلىك قانۇننى ئىزاھلاش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەۋە. شۇ چاغدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئەدلىيەلىك قايتا تەكشۈرۈش ۋە قانۇن دەۋاسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئۇ ھەم شۇنداقلا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە خەلقئارا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فېڭفۇجېن 1- ئاۋغۇست يەرلىك گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن كېڭىشى سايلىمىنى ۋاقتىدا ۋە كەسكىن قارار قىلىشىنى قەتئىي قوللاپ، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت-سائادىتىنى قوغدايمىز، «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بولسا، شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمىتىدۇر.»

 مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15819572.html