8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قىسمەن ھەربىيلەر ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە ياردەم ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردى

日期:2020年07月31日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا قىسمەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرى قاتارلىق خادىملارنىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  2020- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، مېيىپ خادىملار (مېيىپ بولغان ھەربىيلەر، مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرى، مېيىپ بولغان دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى، مېيىپ بولغان خەلق ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئىشچىلىرى) مېيىپلىق نەپىقە پۇلى، «ئۈچ خىل ئائىلە تاۋابىئاتلىرى» (ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە كېسەل بىلەن قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى)نىڭ قەرەللىك نەپىقە پۇلى، «ئۈچ قىزىل ئارمىيە» (يېزىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، يېزىدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىدىكى قىزىل ئارمىيە پېشقەدەم جەڭچىلىرى، قىزىل ئارمىيەدىن تارقىلىپ كەتكەن خادىملار)، كېسەل بىلەن يۇرتىغا قايتقان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئۇرۇشقا قاتناشقان، سىناققا قاتناشقان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، يېزىلاردىكى پېشقەدەم مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلار ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10لىك ئۆلچەم بويىچە داۋاملىق يۇقىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردىكى ھەربىي سەپتىن قايتقان پېشقەدەم ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ.