ئېلىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدۇ

日期:2020年07月31日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ ۋېي 29- چېسلا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2020- يىلى 3- پەسىللىك قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا، ھازىرقى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ سىجىل ۋە مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە»نى قانداق بەلگىلەش كېرەك؟ ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە دېگىنىمىز، ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى شۇ جاينىڭ شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى، لېكىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن 1.5 ھەسسە تۆۋەن بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مال-مۈلۈكى شۇ جايدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى چېتىدىكى ئائىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  جياڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى ئېغىر مېيىپلار، ئېغىر كېسەللەر قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىلتىماسى ئارقىلىق، ئۇلارنى «يالغۇز كىشىلىك ئائىلە» بويىچە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ تەسىرى ئېغىر بولغان جايلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى بېكىتىش شەرتىنى مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋەتسە بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېكىتىش شەرتى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. جياڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇقتۇرۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە بېقىش بىلەن قاپلانغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يېشى 16 ياشتىن 18 ياشقىچە كېڭەيتىلىپ، «ئۈچى يوق» بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە بېقىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشمۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپكە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىمكانىيىتى بولمىغان، ئۇدا ئۈچ ئاي ئەمگەك كىرىمى بولمىغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ھەمدە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى سىياسىتى بىلەن قاپلانمىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئىشسىزلار ئەگەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، ئۇنداق كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، ئىش ئورنىدا ياكى دائىم تۇرۇشلۇق جايدا بىر قېتىملىق ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي تۇرمۇشى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ئالاقىدار ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ۋاقتىنچە قاپلىيالمايدىغان باشقا ئائىلە ياكى شەخسلەرنى جايلار ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈشى كېرەك. تۇرمۇشتا زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇتقۇزۇش نورمىسىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.