گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەدبىرنى يولغا قويۇش پىكرىنى بېسىپ تارقاتتى

ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە تىكلەش بازىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيەنى كۈچەيتىش كېرەك

日期:2020年07月31日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە تىكلەش بازىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيەنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ، 3 ـ ، 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دىققەتنى چوقۇم سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا، ھەمدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ تولۇق ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە تىكلەش بازىسىنى چوقۇم تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە، ھەم يۈرۈشتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچى ئۈلگىگە، تۈجۈپىلەپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى توپلىشىش سۇپىسىغا، يەر شارىلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى نۇقتىلىق تۈگۈنگە، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.