جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق ئۈلكىسىنى تۇرغۇزدى

日期:2020年07月31日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، «خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» ئىكەنلىك پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، ھەمدە ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ قىممەت ئىدىيىسىنى نامايان قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە بىر مەيدان «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جېڭى»دۇر. جۇڭگو پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىنسانىي ھوقۇق ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ خەۋپ ئالدىدا ھاياتلىققا قانچىلىك ھۆرمەت قىلىشى ۋە ھاياتلىقنى قانچىلىك قوغدىشىغا قاراش كېرەك. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېتىپ كەلگەندە، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئىدىيە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، قۇتقۇزۇش خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت ئۈستىگە ئېلىپ، تەكشۈرۈش ۋە ساقىيىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى؛ شۇ مەزگىلدە، بىز پۈتۈن مەملىكەتتە خۇبېيغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئون كۈن ئىچىدە خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنى قۇرۇپ چىقتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يېرىم كۈندە بىر دوختۇرخانا قۇرۇشتەك سۈرئەت بىلەن چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىلاردىن 16نى قۇردى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق بىر پارتىيەنىڭ خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، دەيدىغان ئىدىيەسى بۇ يەردە نامايان قىلىندى، بىر سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقى بۇ يەرگە مۇجەسسەملەشتى. پارتىيە ۋە دۆلەت پۈتۈن مەملىكەتتە ھاياتىي بىخەتەرلىكنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلدى. بۇ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە شەخسىي كىشىلىك ھوقۇق بىلەن كوللېكتىپ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئىكەنلىكىنى، شەخسىي ھوقۇق كوللېكتىپ ھوقۇق بىلەن بىرلىككە كەلگەندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي سەۋىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشدۇر. «ئەينى چاغدا مېنى قۇتقۇزغان دوختۇرنى كۆرۈپ باققۇم بار !»، 4- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، 95 ياشلىق بوۋاي شۈ مىڭ ۋۇخەن شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى خەنياڭ شۆبە دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، ئۇنى داۋالىغان دوختۇرغا رەھمەت ئېيتتى. دوختۇر مۇنداق دېدى: بىز ھەرقانداق بىر بىماردىن ۋاز كەچمەيمىز ! مانا بۇ تەپسىلات كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچكە ئىگە، بۇ دەل بوۋاينىڭ ھاياتىنى قەدىرلىگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇلا ئەمەس، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم پۇلى بېرىش، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ئىش ئورنى سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى.

  ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتۇر. ياشاش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بولسا، باشقا كىشىلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسىدۇر. پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇخەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تاپىلىدى: ۋۇخەنلىكلەر تىرىك بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئۇنى كۆپرەك تەمىنلەش كېرەك. باش شۇجىنىڭ سۆزى ۋۇخەن خەلقىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، خەلقنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتىنى يەتكۈزدى.

  جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تىرىشچانلىقىدا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. بىرىنچى ۋاقىتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئۇنى بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىرۇس گېنى تەرتىپى ئۇچۇرىدىن بەھرىمەن بولدى؛ 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيادىكى 180 دۆلەت بىلەن، 10 نەچچە خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاش لايىھەسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جىددىي ئېھتىياجى بار دۆلەتلەرگە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى، 150كە يېقىن دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتقا جىددىي ياردەم بەردى، جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىس بولۇۋاتقان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى جۇڭگودا سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىدۇر. جۇڭگو پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، غايەت زور بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمىدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۇشتۇر. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مۆجىزە يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.