ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرەيلى

يېڭى دەۋر كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

日期:2020年07月30日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تايانچ كۈچ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يېڭى دەۋردىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ سىياسىي تەربىيىلىنىش، ئۆگىنىش تەپەككۇرى، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىش ۋە قائىدە ئېڭى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

  سىياسىي تەربىيىلىنىشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار ئاڭلىق ھالدا سىياسىي ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە نېمىنى تەكىتلەۋاتلىقىغا دىققەت قىلىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ قەتئىي قوغداشقا ئەڭ تېگىشلىك مەيدانى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، « تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشتە، پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەگە سادىق بولۇشى، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشى، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كرەك؛ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىپ، سىياسىي ئىرادىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسىلىنى سىياسىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىشى ۋە ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق ئالدىدا، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە «ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» بىلەن، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ ۋە سىياسىي يولدا باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىللە تۇرۇشى كېرەك.

  بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كەسىپچانلىقى ۋە باغلىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولدى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ كەتتى. بۇنداق ۋاقىتتا، ئۆگىنىشنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئۆگىنىش تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىشى كېرەك. ئۇلار ماركسىزم نەزەرىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، مەدەنىيەت ۋە ئىدىيىۋى-سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قايسى خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇنى ئۆگىنىش، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىلىم ئەھلىلىشىش ۋە كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق تەتبىقلاش، ئۆگەنگەننى تەتبىقلاپ ئىشلىتىش، ھەمدە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرىلىتىش، شۇ ئارقىلىق ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنىڭ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيەت داۋامىدا بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈش ۋە كۆپنى كۆرۈش بولسا، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر. پارتىيەلىك كادىرلار جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قىزىق نۇقتا، ئاغرىتىش نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتا ھېسابلىنىدىغان مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، بىرىنچى سەپتە چۆكۈپ، زىددىيەت مەركەزلەشكەن، ۋەزىپە ئېغىر ۋە ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولغان جايلارغا بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ياخشى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇسى، ئەندىشىسى ۋە ئالدىرىغانلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئامما ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى بېجىرىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاڭلىق ھالدا خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىقتىدارلىقلاردىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئېلىپ، ئەقىل ئىگىلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدىن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت توپلاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.

  قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. قائىدە ئېڭى بىر خىل سىياسىي ئاڭ بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ زامانىۋى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيىلىنىشتۇر. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ۋە قائىدىنى چىڭىتىش لازىم. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى ئۆلچەم قىلىپ، تۈزۈمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، قانۇن-نىزامنىڭ تۆۋەن چېكىگە تەگمەسلىك، قولىدىكى ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئومۇم بىلەن خۇسۇسىينىڭ، مەنپەئەت بىلەن قانۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇشنى باشتىن-ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈم بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.