مەملىكەت بويىچە %90تىن يۇقىرى نامرات كەنتلەردە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى

日期:2020年07月29日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 27- ئىيۇل گەنسۇ ئۆلكىسى لۇڭنەن شەھىرىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە %90تىن ئارتۇق نامرات كەنتلەردە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى بار بولدى، 832 نامرات ناھىيە كەنتلەردە جەمئىي 682 مىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. بۇ، 21 مىليون 978 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: يەتتە يىلدىن كۆپرەك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە 2012- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 98 مىليون 990 مىڭدىن 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 5 مىليون 510 مىڭغا ئازايدى. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، نۇرغۇن نامرات ناھىيەلەر ۋە نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، بارلىقتىن ئەلالىققا ئۆتۈشتەك ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى .

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە نامرات ئاھالىنىڭ %92ى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتناشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ %72ى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى يېتەكلەش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈردى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 414 مىڭ نامرات كەنتلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشنىڭ باشلامچىلىرى يېتىشتۈرۇلدى، ئۇلار تەخمىنەن 4 مىليون 60 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېقىندا كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نامرات ئاھالىنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئىگىلىكنى ۋە ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جېڭىگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.