تۆت تارماق يېڭى بىر نۆۋەتلىك App تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى

日期:2020年07月29日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئىيۇل دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2020- يىللىق App نىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئىشلىتىشنى تۈزەش خىزمىتى يېقىندا رەسمىي باشلانغان بولۇپ، App نىڭ ئارقا سۇپىدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز مەيلىچە يوللاش قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك App نى تۈزەش خىزمىتىنى دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىبارەت تۆت تارماق بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۆت تارماقتىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇلتۇر تور ئەھلىنىڭ 12 مىڭدىن ئارتۇق ئۈنۈملۈك پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىپ، 2300 دىن ئارتۇق App نى تەكشۈرگەن، ئابونتلارنىڭ كۆلىمى چوڭ، مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان 260 خىل App غا قارىتا ئاشكارىلاش، سۆھبەتلىشىش، توردىن چۈشۈرۈش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرى قوللانغان.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە App نىڭ سانى 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئىشلىتىش مەسىلىسى تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىغان. 2020-يىلى تۈزەش خىزمىتى سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىپ، App تەكشۈرۈش ئاساسىدا، تۈزەش دائىرىسى SDK (يۇمشاق دېتال ئېچىش قورال سومكىسى) ۋە ئەپچە قاتارلىقلارغا كېڭەيتىلىدىكەن.