ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئۆلچىمىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك

日期:2020年07月29日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋۇخەن شەھىرى ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ياڭيۈەن كوچىسى مەھەللىسى 2- سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇل سېستراسى، جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى شېن بېي 100 نەچچە كۈنگىچە ھوشسىز ياتقاندىن كېيىن، ئىشتا يارىلانغان، دەپ بېكىتىلمىگەن. بۇنىڭدا، ۋۇخەن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى شېن بېينىڭ ئەھالىغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، شېن بېينىڭ ئەھالى خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت ئورنىدا تۇيۇقسىزلا كېسەل بولغان ياكى 48 سائەت ئىچىدە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، دېگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىشتا يارىلانغان، دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ، دېگەننى بىلدۈرگەن. (7- ئاينىڭ 27- كۈنى «ئىشچىلار گېزىتى)»

  يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقان سېستىرا شېن بېيغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىش تەس بولۇشتەك كەچۈرمىشى بارلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن، بۇ يىل 3- ئايدا، خۇبېي ئۆلكىسى شيەنتاۋ شەھىرى سەنفۇتەن بازارلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى ليۇ ۋېنشيۇڭ ئىزچىل تۈردە يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەت ھالىتىدە تۇرغانلىقتىن، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قازا قىلغان. شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتى ۋە ئورنىدا ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭغا ئىشتا يارىلانغان، دەپ بېكىتمەسلىكنى قارار قىلغان، بۇ ئىش جامائەت پىكرىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بۇ قارارنى قايتا تۈزەتكەن.

  ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىش تەس بولۇشتەك مەسىلە پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەمگەكچىلەردە قانداق قىلغاندا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالىشىدا تېخىمۇ كۆپ ئەندىشە پەيدا قىلدى. «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»دىكى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئۆلچىمى سىستېمىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىشتا يارىلانغان، دەپ بېكىتىش «ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا، ھەمدە خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىش»تىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛ ئەگەر ئەمگەكچى خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت ئورنىدا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشتە يەنە 48 سائەت ئىچىدە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىش شەرتىگە، يەنى «48 سائەت ئىشتا يارىلىنىش»نى بېكىتىش ماددىلىرىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

  ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئېيتقاندا، قانۇندا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشتە قاتتىق قانۇنىي ئۆلچەم تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشتە ھەددىدىن زىيادە يېنىكلىك قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئىشتا يارىلانغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۈنۈملۈك قوغدىلىدۇ، بۇ تامامەن زۆرۈر. قانداقلا بولمىسۇن، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمىنىڭ سىجىلچان بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىكدۇر، ئۇنىڭغا قارىتا تەسىس قىلغان قانۇندا بەلگىلەنگەن قاتتىق شەرتلەرنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.

  كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان خىزمەت ئەندىزىسى ئالدىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ھەرگىز ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئۆلچىمىنىڭ تار مەنىسىگە قاتماللىق قىلىپ قاتتىق ئېسىلىۋالماسلىقى، ئەكسىچە «خىزمەت سەۋەبى»نى مۇھىم ئامىل قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت سەۋەبىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، ئىشتا يارىلىنىشنى توغرا بېكىتىپ، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك قوغداش دائىرىسىدىن ئايرىۋەتمەسلىك كېرەك.

  ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر قانۇن-تۈزۈملەرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولسا، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئۆلچىمىنىڭ قانۇن ماددىلىرى ئۆلۈك تەتبىقلانسا، شۈبھىسىزكى، ئۇ «ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش»تىن ئىبارەت ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر قانۇن چىقىرىش مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2014- يىلى ئېلان قىلغان ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشتە «خىزمەت ۋاقتى» ۋە «ئىش ئورنى» دېگەن شەرتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىق توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ، «يارىلىنىشى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ھەمدە خىزمەت ۋاقتىدا ۋە مۇۋاپىق رايوندا يۈز بەرگەن» باشقا ئەھۋالمۇ ئىشتا يارىلىنىش ھېسابلىنىدۇ، دېگەن قوشۇمچە ئىزاھاتنى ئىلاۋە قىلغان. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنىڭ قانۇن ماددىلىرىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە توغرا تەتبىقلاپ، چىقارغان ھۆكۈمىدە، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنىڭ قانۇن چىقىرىش مەقسىتىگە ماس كېلىشىگە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئەنئەنىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، مۇقىم خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان چاغدىكى «خىزمەت ئورنى» بارغانسېرى كۆپ بولۇۋاتقان رېئال شارائىتتا، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئۆلچىمى يەنىلا ئۆز جايىدا تۇرىۋەرمەي، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئۆلچىمىنىڭ قانۇن ماددىلىرىنى مېخانىكىلىق ھالدا چۈشىنىۋالماسلىقى ۋە ئۆلۈك ھالدا تەتبىقلىماسلىقى كېرەك بولغاندىن باشقا، قانۇن چىقىرىش تارماقلىرىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشتىكى تالاش-تارتىش ۋە ماجىرالارنى ئىمكانقەدەر ياخشى ھەل قىلىپ، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى دەۋر قەدىمىگە چىڭ يېتىشتۇرگىلى بولىدۇ.