خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

−− رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يېتەكچى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە

日期:2020年07月29日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى (تۆۋەندە ئاسىيا سېلىنما بانكىسى دېيىلىدۇ) نىڭ 5- نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى سىن يىغىنى (تۆۋەندە يىللىق يىغىنى سىن يىغىنى دېيىلىدۇ) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرى ليۇ كۈن خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ليۇ كۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىغا پائال قاتنىشىش ۋە ئۇنى قوللاشتىكى مۇھىم ئىجادىيىتى. 2013-يىلى 10-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا ۋاكالىتەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇش تەكلىپى بەردى. 2015-يىلى 12- ئاينىڭ 25-كۈنى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رەسمىي قۇرۇلدى. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بۇ يىل ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. 5- نۆۋەتلىك كېڭەش يىللىق يىغىنى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىن مۇقىم تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغان بىر قېتىملىق يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان مۇھىم يىغىنىدۇر.

  بۇ ھالقىلىق پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىش، ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تىجارەت نەتىجىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئۈمىدىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يېتەكچى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.