ئېلىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا تەربىيەلىگەن ئاسپىرانت سانى 10 مىليون ئادەمدىن ئاشتى

日期:2020年07月29日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلىغىچە، خەلق مائارىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمى بولغان ئاسپىرانتلار مائارىپى دۆلەتكە 10 مىليوندىن ئارتۇق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەرگەن. بۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدىكى ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشتىن، ئاسپىرانتلار كۆلىمى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇشقىچە، ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن-تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى يېتىشتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

 −− 10 مىليون كىشى ___ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاننىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.