جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بازار سۇبيېكتلىرىنى قوغداش ۋە قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ئىقتىسادىي ماجىرالارغا نامۇۋاپىق ئارىلىشىش قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ!

日期:2020年07月28日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىدىن فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى قوغداش، قوللاش، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا دائىر سىياسەت، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان توختام ئالدامچىلىقى، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، «يۈرۈشلۈك قەرز»، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس زەربە بېرىش، تۈزەشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، قەستەن زەخىملەندۈرۈش، قانۇنسىز قاماپ قويۇش، قاقتى – سوقتى قىلىش، مال – مۈلۈكنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ جىسمانىي، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، ئالدامچىلىق قىلىش، بازارغا زومىگەرلىك قىلىش، زورلۇق بىلەن سېتىۋېلىش – سېتىش، يامان غەرەزدە ئىشلەپچىقىرىشنى توسۇش، زورلۇق بىلەن قەرز سۈيلەش قاتارلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، كارخانا ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، قاماپ قويۇش خاراكتېرلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇن بويىچە ئازايتىپ، مال- مۈلۈك مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتبىقلاش، جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزۇش، دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە باشقا جايدا ھەمكارلىشىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا، كارخانىلار ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان 60 تۈرلۈك تەدبىرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالاقە تورى + جامائەت خەۋپسىزلىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس باشقۇرۇش، يول قاتنىشى، كۆچمەنلەر ۋە چېگرادىن چىقىش- كىرىش قاتارلىق باشقۇرۇش- مۇلازىمەت ساھەلىرىدە سىجىل كۈچەپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان يېڭى سىياسەت، يېڭى تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  يېقىن، پاك ھۆكۈمەت- سودا مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش جەريانىدا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش، ھوقۇقنى مەنپەئەتكە تېگىشىش، قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوقۇق- پۇل سودىسى، سودا پارىخورلۇقى قاتارلىق ھۆكۈمەت بىلەن سودا مۇناسىۋىتىگە ۋە سودا مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 12389 كارخانىنىڭ دەۋا تەلىپى سۇپىسىدا يىپ ئۇچىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ج خ ئورگانلىرى كارخانىلارغا چېتىشلىق دېلولاردىكى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، دېلو بولسىمۇ تۇرغۇزماسلىق، دېلونى باستۇرۇپ قويۇپ تەكشۈرمەسلىك، ئادەمگەرچىلىك دېلوسى، مۇناسىۋەت دېلوسى، پۇل دېلوسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ماجىرالارغا نامۇۋاپىق ئارىلىشىپ، مال– مۈلۈكنى ھوقۇق دائىرىسىدىن، باشقۇرۇش دائىرىسىدىن، سوممىسىدىن، ۋاقىت چېكىدىن ئاشۇرۇپ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىۋېتىش، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەيدۇ.