خەلق گېزىتى ئوبزورى: مۇقىم ھالدا ئىشقا ئورۇنلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش جېڭىنى چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك

日期:2020年07月28日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارخانا بولمىسا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. كەچۈرۈم قىلىشقا، تۆۋەنلىتىشكە، ئاستىلىتىشقا، قايتۇرۇشقا ۋە تولۇقلاشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ئىشلىرىنى چوقۇم جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھۆكۈمەت تېجەپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، لېكىن پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، كارخانىلارنى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا، ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشلار سۈپىتىدىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايىغا باپ قۇرۇلۇش ۋە ئۇل قۇرۇلۇشتۇر. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي بېسىم ئېغىرلىشىۋاتقان، ھەمدە ئۇنىڭغا يۇقۇمنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق يامراۋاتقان ئەھۋالدا، بىز چوقۇم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى تولۇق تونۇپ، يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى، ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  ئالاھىدە مەزگىلدە چوقۇم ئالاھىدە ئورنى بولۇشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى پەقەت ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ۋە سىياسىي مەسىلىدۇر. ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ «سىناق تېشى» قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئاساسىي تاختىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشى يۈكسەلسە، ئىشقا ئورۇنلىشىشمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  بۇ ئىش يەنە بىر مەسىلىگىمۇ چېتىلىدۇ، يەنى، نۇرغۇن جايلاردا يەرلىك كارخانىلارنى كۆپ ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مېنىڭچە، مەسىلە يەرلىك كارخانىلارنى كۆپ ئىشلىتىشتە ئەمەس، بەلكى يەرلىكنى كۆپرەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى چوقۇم ئادىل، ئاشكارا، بىرلىككە كەلگەن ۋە تەرتىپلىك بولغان ئاساستا بەرپا قىلىنىشى كېرەك، پەقەت ئۆز جايىدىكى كارخانىلارنىلا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بولمىسا، يەرلىكتىكى كارخانىلارمۇ سېرتقا چىقالمايدۇ. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش كارخانىلىرى يەرلىككە كىرگەندىن كېيىن، يەرلىك ئىشچىلارنى كۆپرەك قوبۇل قىلسا بولىدۇ، بىز بۇنى سىياسەت جەھەتتىن قوللايمىز.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باج يىغىش ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتىدۇر. باجنى تۇتۇشتا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتۇشتا خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاندىن باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك.