ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

日期:2020年07月27日
来源:人民网
【字体:

  «جىلىن ئۆلكىسى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشى كېرەك، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە يارىتىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىندا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

  دېھقانلارنى ئەڭ ياخشى تېخنىكا ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئاشلىق تېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

  «يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا. يېزا ئىگىلىكى بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئىلمىي ماقالىنى زېمىنغا يېزىپ، دېھقانلارنى ئەڭ ياخشى تېخنىكا ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئاشلىق تېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كەڭ دائىرىدە تەسىر قوزغىدى.

  جىلىن ئۆلكىسىدىكى كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا، جىلىن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى يىل بويى ئېتىز بېشىدا ئايلىنىپ، شاخ- شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قاتارلىق يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تەتقىقاتچى لى چىيۈن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزا. ئۇ: «باش شۇجى يېزا ئىگىلىكى بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەلا سورتلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش ۋە يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىشى كېرەك»، دېدى.

  بۇ بىر نەچچە كۈندە جىلىن يېزا ئىگىلىك داشۆسى بايلىق ۋە مۇھىت شۆيۈەنى ئۆسۈملۈك-ئوزۇقلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ لېكتورى فېڭ گوجۇڭ يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 2009-يىلى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن جىلىن يېزا ئىگىلىك داشۆسى لىشۇ ناھىيەسى سىگوشۇ يېزىسى سەنكېشۇ كەنتىدە «نەشپۈت پەن-تېخنىكا باغچىسى»نى ئاچتى. شۇ چاغدىن باشلاپ، فېڭ گوجۇڭغا ئوخشاش جىلىن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى «پەن-تېخنىكا باغچىسى» دا يىلتىز تارتىپ، پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى، يەنە مۇۋاپىق زىچلاشتۇرۇش، تۇپراقنى ئۆلچەپ، رىتسىپلاپ ئوغۇتلاش قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكىلارنى كېڭەيتتى. فېڭ گوجۇڭ: «باش شۇجى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى زېمىنغا يېزىپ، دېھقانلارنى ئەڭ ياخشى تېخنىكا ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئاشلىق تېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى تەكىتلىدى. بۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مېنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالەم ‹پەن-تېخنىكا باغچىسى›دا بارلىققا كەلگەن، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئىلمىي ماقالىنى زېمىنغا يازغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ»، دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسى پەن-تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە بولغان تىرەكلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. بۇلتۇر جىلىن ئۆلكىسىدە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %59.4 كە، ئەلا سورتلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100 كە يەتتى. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).