دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسى مۇشۇ يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئۆستى، لىق بىر ساندۇق ماي قاچىلىسا 4.5 يۈەننى ئارتۇق خەجلەشكە توغرا كېلىدىغان بولدى

日期:2020年06月29日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 28- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە، يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەمدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار ماي باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى بويىچە، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن ۋە دىزېلىننىڭ باھاسى ھەر توننىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 120 يۈەن ۋە 110 يۈەن ئۆستۈرۈلدى.

مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قارىغاندا، 92- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.09 يۈەن، 95- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.10 يۈەن، 0- نومۇرلۇق لىتىرنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.09 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ.