بېيجىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھەر قېتىمقى باھاسى ئىلگىرىكى 180 يۈەندىن ھازىرقى 120 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى

日期:2020年06月29日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى دۇ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەرلىك داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانىي بىمارلارنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشقا ئالاقىدار دورىلار، ھەمدە داۋالاش مۇلازىمەت تۈرى قاتارلىقلارنى يۇقۇم باشلانغاندىن باشلاپ ۋاقىتلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن شەخسىي ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى مالىيە مەبلىغىدىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. بىمارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، 19- مايدىن باشلاپ، ئالاقىدار تارماقلار دۆلەت بەلگىلىگەن ۋە ئۆز شەھەر رايونى بەلگىلىگەن «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» دېگەن پىرىنسىپقا چۈشىدىغان كىشىلەر توپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرسە، بەلگىلىمە بويىچە ئاتچوت قىلىش كېرەك، شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى شەھەر ۋە رايوندىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ.

يېقىندا، ھېسابلاش ۋە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەننەرخى ھەمدە ئاممىنىڭ خىراجەت يۈكى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش رېئاكتىپ باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى سەھىيە ۋە مالىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ باھاسىنى ماس قەدەمدە تەڭشىدى، 6- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ، شەھەر بويىچە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھەر قېتىمقى باھاسى ئىلگىرىكى 180 يۈەندىن ھازىرقى 120 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى، بۇ باھا ئەڭ يۇقىرى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى بولۇپ، بۇنىڭدا داۋالاش ئاپپاراتلىرى خالىغانچە ئۆرلىۋالسا بولمايدۇ. لېكىن، ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەنلەتسە بولىدۇ، تۆۋەنلىتىش دەرىجىسى چەكلەنمەيدۇ. ھۆكۈمەت ئىلكىدە بولمىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندە، يۇقىرىقى سىياسەت بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىلكىدە بولمىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن باشقا نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى (مەسىلەن، 3- تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن باشقا نۇقتىلىق خۇسۇسىي دوختۇرخانا قاتارلىقلار) دۆلەت ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، بازار باھاسىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش باھاسىنى ئاپپاراتلار ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.