5-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 10 مىڭ 91 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

日期:2020年06月29日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 28-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 10 مىڭ 91 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 14 مىڭ 506 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان، 8149 ئادەم پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈلگەن. پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈلگەن كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 32سى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 475ى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىردىن 7642سى باركەن.

 2020-يىلى 5-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 10 مىڭ 91 مەسىلە ئىچىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قىل دېگەننى قىلماسلىق، قىلما دېگەننى قىلىش ياكى ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ، شوئارنى ئۈنلۈك توۋلاش، ھەرىكەت ئاز بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ناچار بولۇش، ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن ئايرىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش مەسىلىسى 193 قېتىم؛ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش، يالغان ئىش قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسى 4509 قېتىم؛ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش، سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىش، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇش مەسىلىسى 301 قېتىم؛ يىغىن-ھۆججەت كۆپ بولۇش مەسىلىسى قايتا باش كۆتۈرۈش، ھۆججەت ئىستىلى، يىغىن ئىستىلى ئەمەلىي بولماسلىق، دۇرۇس بولماسلىق، ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا ئېغىر يۈك پەيدا قىلىش مەسىلىسى 61 قېتىم؛ باشقا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى 877 قېتىم بولغان.

 راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىلىرىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلات تۈرىدىكى سوۋغات قۇبۇل قىلىش 54 قېتىم؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇلى ۋە باشقا سوۋغاتلارنى قۇبۇل قىلىش 1120 قېتىم بولغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش 533 قېتىم؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى قاتارلىقلارنىڭ زىياپىتىنى قۇبۇل قىلىش 266 قېتىم بولغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش 227 قېتىم؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش 1005 قېتىم؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قۇبۇل قىلىش 226 قېتىم؛ باشقا راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىلىرى 719 قېتىم بولغان.