5-ئايدا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشتى

日期:2020年06月29日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 28-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئايدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەن، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈم ئەھۋالى سىجىل ياخشىلانغان. مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 582 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 4-ئايدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 تۆۋەنلەشتىن %6.0 ئېشىشقا ئۆزگەرگەن، شۇ ئايدا پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەنپىي ھالەتتىن مۇسبەت ھالەتكە ئۆتكەن.

5-ئايدا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ ئۆرلەش بېسىمى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان، بۇ، كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولغان. تەننەرخ بېسىمى يېنىكلەش، بازار ئېھتىياجى ياخشىلىنىش، ئالاقىدار يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈش قاتارلىق پايدىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، نېفىت پىششىقلاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، پولات- تۆمۈر كەسپىنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.