دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت بازىرى تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى

دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن 48 مىليون 809 مىڭ ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىندى

日期:2020年06月28日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ كۈنلۈك دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا مەملىكەت بويىچە ساياھەت بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن 48 مىليون 809 مىڭ ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىنغان، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت كىرىمى 12 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ساياھەتكە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور بىخەتەرلىك ۋەقەسى ۋە مۇھىم، زور ئەرز قىلىش دېلوسى يۈزبەرمىگەن.

  دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، ھەرقايسى جايلار مىقدارنى چەكلەش، ئالدىن كېلىشىش، بېسىق بولۇشتىن قاچۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، مەنزىرە رايونلىرى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ مىقدارى ئەڭ چوڭ بەرداشلىق بېرىش مىقدارىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ھەرقايسى جايلارنى ۋاقىتقا ئايرىپ ئالدىن كېلىشىش ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئارقىلىق، مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە خادىملارنىڭ توپلىشىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكلىدى ۋە مەدەت بەردى. ئالدىن كېلىشىپ ساياھەت قىلىش مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇتلەق تەلىپىگە ئايلىنىپ، «ساياھەتكە چىقىشتا چوقۇم ئالدىن كېلىشىش، كېلىشمەي تۇرۇپ ساياھەتكە چىقماسلىق» ساياھەتچىلەر بىردەك قوبۇل قىلىدىغان ئىدىيەگە ئايلاندى.

  دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى جايلار مول، رەڭدار ساياھەت تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، قىزىل ئېتىقادنى ئىزدەش ساياھىتى، دالا ساياھىتىنى ھېس قىلىش قاتارلىق باش تېمىلىق لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشتىكى كۆپ مەنبەلىك ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى. قىزىل ساياھەت، سەھرا ساياھىتى، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، «مەدەنىيەت مىراسلىرى + ساياھەت» ۋە پۇقراۋى قونالغۇ ساياھىتى دەم ئېلىش كۈنى ساياھىتىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ساياھىتى، ئائىلە ساياھىتى داۋاملىق قىزىدى، كېچىلىك ساياھەت پائالىيىتى كۆپىيىپ، دەم ئېلىش كۈنى ساياھىتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى دەم ئېلىشتا شەھەرگە كىرىپ-چىقىش يول بۆلەكلىرى، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللاردا قىستاڭچىلىق بولۇش ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، قىستاڭچىلىقنى تۈگىتىپ راۋانلىقنى ساقلاش لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ، بىرىنچى سەپ ساقچى كۈچلىرىنىڭ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، قاتناش ۋەقەلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، 910دىن ئارتۇق قاتناش بىخەتەرلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنى مەدەنىي ماشىنا ھەيدەش، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشقا يېتەكلەپ، ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى ئەھۋالى يۈزبېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت يول قاتنىشىنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.