ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن تارتىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈشكىچە بولغان تولۇق كۇرس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پۈتۈن جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ئېلىمىزنىڭ تېببىي مائارىپ ئۆلچىمى خەلقئارادا ماھىيەت جەھەتتە تەڭ ئۈنۈملۈك بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

日期:2020年06月28日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئالىي مائارىپ ساھەسىدە يەنە بىر ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى كىلىنىكىلىق تېببىي كەسپىي ئىسپات بېرىش خىزمىتى كومىتېتى «شەرتسىز قوبۇل قىلىش» نەتىجىسى بىلەن دۇنيا تېببىي مائارىپ بىرلەشمىسى (WFME) تېببىي مائارىپ ئىسپات بېرىش ئاپپاراتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، بۇ، ئېلىمىز تېببىي مائارىپ ئۆلچىمى ۋە ئىسپات بېرىش سىستېمىسىنىڭ خەلقئارادا ماھىيەت جەھەتتە تەڭ ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېببىي مائارىپ ئىسپات بېرىش سۈپىتىنىڭ خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 «بىز تۈزگەن جۇڭگو تولۇق كۇرس كىلىنىكىلىق تېببىي مائارىپ ئۆلچىمى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش قاتارلىق تولۇق كۇرس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پۈتۈن جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى مەسئۇل كىشى، بۇ، جۇڭگو تېببىي ئىلىمنى پۈتكۈزگەن دەپ بېكىتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ھالقىپ يۆتكىلىش ئۈچۈن «مەيدانغا كىرىش بېلىتى» بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو تېببىي ئىلىمنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي ئۇنۋاننى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدىغان «خەلقئارا يول خېتى»گە ئېرىشىپ، جۇڭگو دۇنيا تېببىي ئالىي مائارىپ ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى تۈزۈشكە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشالايدۇ.