يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار

بۇغدايلارنى كەڭ كۆلەملىك رايون ئاتلاپ ماشىنىدا ئورۇش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

日期:2020年06月01日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

 «شامالدا يەلپۈنەر بۇغداي دولقۇنى، تەرىمىز ھۆل قىلدى كىيىم-كېچەكنى. كومبايىن شوپۇرى ئالتۇن رەڭ ئوكيانغا ئاتلاندى». شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەشغۇلاتچىسى لى جيۇخې يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، يازلىق ئاشلىق ئاساسلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇغدايلار جەنۇبتىن شىمالغا پەلەمپەيسىمان يىغىۋېلىنىش مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلكىلىرىدە ئورما ئورۇش باشلاندى، مەملىكەت بويىچە «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»نىڭ بىرى بولغان كەڭ كۆلەملىك بۇغدايلارنى چېگرا ئاتلاپ ئورۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

 ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار. 29-ماي سائەت 17گىچە، مەملىكەت بويىچە ھوسۇل ئېلىنغان بۇغدايلىق كۆلىمى 80 مىليون 900 مىڭ موغا يېتىپ، ئىككى ئۈلۈشتىن ئارتۇقى تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە كومبايىندا يىغىۋېلىنغان كۆلەم 76 مىليون 610 مىڭ مو، كۈندىلىك كومبايىندا يىغىۋېلىنغان كۆلەم 13 مىليون 800 مىڭ مو، شۇ كۈنى بۇغداي ئورۇشقا سېلىنغان كومبايىنلار 200 مىڭغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە سىچۈەن، خۇبېيدا ئورما ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى، خېنەن، ئەنخۇيدا ھوسۇل يىغىش %40كە يېقىن تاماملاندى.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بۇغداي ئورۇش سۈرئىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 2-3 كۈن بۇرۇن بولغان، ئەنخۇي، خېنەن ئۆلكىلىرىدە ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %10تىن ئارتۇق ھوسۇل ئېلىنغان.

 بۇ يىل «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دا ئىشقا سېلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشقان مەشغۇلات مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۈچەيدى. مەملىكەت بويىچە 16 مىليون 400 مىڭ دانە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە 3 مىليون 200 مىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەشغۇلاتچىسى بۇ يىللىق «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتىگە ئاتلىنىپ، زىرائەت تېرىش ۋە ئۆسۈملۈك ئاسراش مەشغۇلاتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم، يازلىق پەرۋىشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.