«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش مەسىلىسى توغرىسىدا

日期:2020年06月01日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11-سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش مەسىلىسى توغرىسىدا» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

 ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھاللىق جەمئىيەت ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلدى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەتىجە-ئۈنۈمى دەسلەپكى كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى. بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى چىقىرىش تولۇق ئاساسقا ئىگە. خەلقئارا جەمئىيەت دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىردەك قايىل بولدى.

 ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يەنە بەزى كەمتۈكلۈكلەر بار، چوقۇم تېزدىن تولۇقلاش كېرەك. دىققەتنى كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. خىزمەتتە تۆۋەندىكى بىرقانچە مۇناسىۋەتنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچى، ئومۇمىي نىشان بىلەن يەككە نىشاننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي نىشانىدۇر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، شەھەر-يېزىلار، رايونلار، كىشىلەر ئارىسىدا كىرىم پەرقىنىڭ بولۇشى نورمال، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش تەڭ تەقسىماتچىلىق ئەمەس. ئىككىنچى، مۇتلەق ئۆلچەم بىلەن نىسپىي ئۆلچەم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئۈچىنچى، مىقدار ئانالىزى بىلەن سۈپەت ھۆكۈمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلغان-چىقىلمىغانلىقىنى ئۆلچەشتە ھەم مىقدار كۆرسەتكۈچىگە قاراش، ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش ھالىتى بىلەن رېئال ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىلمىي باھالاش ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ساقلانغان گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەر ۋە چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەش كېرەك. كىشىلەر توپىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، نامرات كىشىلەر؛ رايون ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى ئېغىر نامرات رايونلار؛ ساھەدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەر روشەن.