2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مۇكاپاتى تارقىتىلدى

日期:2020年06月01日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى بولۇپ، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش-مۇكاپاتلاش يىغىنى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا «پەن-تېخنىكا خەلق ئۈچۈن، كۈرەش قىلىشتا مەن بار» دېگەن باش تېما قىلىندى. ئۈچ ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ (گاللىي نىترىد) يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قاتارلىق ئون كوللېكتىپ مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مېدالىغا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاكادېمىكى دىڭ جيەن قاتارلىق 28 كىشى مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مېدالىغا، شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ ئاكادېمىكى دىڭ كۇيلىڭ قاتارلىق 258 كىشى مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى.

مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مۇكاپاتىنى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 2017-يىلى ئورتاق تەسىس قىلغان بولۇپ، باھالاپ مۇكاپات تارقىتىش دەۋرىيلىكى ئۈچ يىل. بۇ نۆۋەتلىك باھالاشتا «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش» ۋە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» مەخسۇس تېمىسى ئالاھىدە تەسىس قىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم تۆھپە قوشقان پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تەقدىرلەندى.