2020-يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى بويىچە باھالاپ تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

日期:2020年06月01日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «13- بەش يىل» مەزگىلىدە ھەر يىلى مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىل ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى. ھازىر 2020-يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى بويىچە باھالاپ تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.

 بىرىنچى، تەقدىرلەش مەقسىتى

 مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى بويىچە باھالاپ تەقدىرلەشكە تەشكىللەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى يەنىمۇ ھەرىكەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يەنىمۇ ھەرىكەتكە كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە پەيتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، تەۋرەنمەي بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى مەقسەت قىلغان.