ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى

日期:2020年05月29日
来源:人民网
【字体:

    ــ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

  خەلق گېزىتىدە 5-ئاينىڭ 28-كۈنى:«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى ــ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز !

  باش ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتىدىغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئەزالار گۇرۇپپىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، بىرلىكتە ياخشى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەسلى مەقسەت، بۇرچىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، ۋەزىپىسىنى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ھەمدە مۇزاكىرە قىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى لايىھەسى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە پىكىر، تەكلىپ بەردى، كۆپچىلىك بىردەك دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يىغىننىڭ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولۇپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ئەزالار قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، غەيرەتنى ئاشۇردى.