شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

日期:2020年03月26日
来源:新疆日报
【字体:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسىدىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى بۇ يىلقى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ باشچىلىقىدا، سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرجېڭ مىڭدا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما چاۋشۈ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۈمىدىنى تونۇشتۇردى.

ما چاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. G20گە ئەزا، مېھمان دۆلەتلەر ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ G20 تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان رەھبەرلەرنىڭ سىن باشلىقلار يىغىنى، شۇنداقلا يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ قاتنىشىدىغان تۇنجى مەيدان مۇھىم، زور كۆپ تەرەپلىك پائالىيەت.

ما چاۋشۈ مۇنداق دېدى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا كۆپ نۇقتىدا پارتلاپ، يامراپ، ئېغىر سىياسىي، ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەسىرى پەيدا قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى جىددىي ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. G20 بولسا يەر شارىۋى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا، ئاساسلىقى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىگىلىكى گەۋدىسىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، 2008 - يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، G20نىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدا مەخسۇس باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ماسلاشتۇرۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ما چاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ G20نىڭ ماسلىشىش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. بىز بۇ قېتىمقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدىن تۆۋەندىكىدەك ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز:

بىرىنچى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش. ۋىرۇس دۆلەت چېگراسى ئايرىمايدۇ، يۇقۇم ئالدىدا ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ. پەقەت بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقاندىلا، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرغىلى، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. G20نىڭ ئەزالىرى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇمنىڭ تېز يامرىشى ئالدىدا، خەلقئارا ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو تەرەپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، قىيىنچىلىقى بار دۆلەتلەرگە ۋاقتىدا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مال سېتىۋېلىشىنى قولايلىق بىلەن تەمىنلەيمىز. G20نىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، زىچ ماسلىشىپ، خەلقئارا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۈچىنچى، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. يۇقۇم يەر شارىۋى ئىقتىسادقا ئېغىر زەربە بولدى. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولغان مالىيە، پۇل ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، بازارنى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، مۇقىم، بىخەتەر ۋە راۋان يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بازار ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئومۇملاشتۇرغاندا، جۇڭگو تەرەپ G20دىكى باشقا ئەزالار بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.