شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى، پولشا زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年03月25日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىرازىلىيە خەلقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندىن بۇيان، يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىدا كۆپ نۇقتىدا قوزغىلىپ، تارقىلىشى ناھايىتى تېز بولدى. ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن قىلچە ئايانماي تەڭ بەھرىمەن بولدى ھەم ھەر قايسى تەرەپلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. مەن بىرازىلىيەدىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن، بىرازىلىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى بالدۇرراق توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۈگۈن، جۇڭگو بىرازىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى بىلەن سىنلىق خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپكە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىق بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئادىل باھا بەردى. جۇڭگو - بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى قوللاپ، بىرلىكتە خەلقئارا جەمئىيەتكە بىردەك ئىتتىپاقلىشىش ساداسى تارقىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاكتىپ سىگنالى يەتكۈزۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ياخشى قوغدىشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت چوقۇم قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ ھەم جۇڭگو - بىرازىلىيە ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

بولسونارو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بىرازىلىيەدە يامراش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگودا زۆرۈر داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى تېزدىن توسۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ھەم بىرازىلىيە - جۇڭگو دوستلۇقى ۋە بىرازىلىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامان ئەلپازدا كەلگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولدى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئەڭ مۈشكۈل پەيتتە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرى جۇڭگونى كۈچەپ قوللىدى. ھازىر قازاقىستاندىمۇ يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قازاقىستان تېزدىن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. دوست قوشنا دۆلەت ۋە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، پائال مەدەت بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا قوللىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇم ئىرق ئايرىمايدۇ. بۇ قېتىمقى يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرغاندىلا، خەلقئارا جەمئىيەت ئاندىن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق يۇرت - ماكانىنى قوغدىيالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. يۇقۇم ۋاقىتلىق، ھەمكارلىق ئۇزاق مۇددەتلىك. يۇقۇم جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى، ئوخشاشلا يەنە يېڭى پۇرسەت ياراتتى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. بوران - چاپقۇندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا جەزمەن تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

توقايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس ئەپەندىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئاتا قىلدى. پۈتۈن دۇنيا جۇڭگو داۋالاش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە جۇڭگو تېببىي خادىملىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى كەسىپچانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، جۇڭگو مۇرەككەپ قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. قازاقىستان تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ھەم تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا مىقياسىدا يامراۋاتىدۇ، قازاقىستانمۇ ئۆزىنىڭ غېمى بىلەنلا بولۇپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمايدىغان ئىشنى قىلسا بولمايدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن تېزدىن غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قازاقىستان تەرەپ قازاقىستان - جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پولشا ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىدىكى ھەر قايسى ساھەلەر جۇڭگو تەرەپتىن ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو خەلقى بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. چىن مېھىر - مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پولشا ھۆكۈمىتى ۋە پولشا خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە پولشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 17 دۆلەت بىلەن سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرى ۋە ئالاقىدار ئۇسۇللاردىن ۋاقتىدا تەڭ بەھرىمەن قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، پولشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا بىزگە كۈچ ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغىنى جۇڭگو خەلقى. جۇڭگودىكى 1 مىليارد 400 مىليون خەلق جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمغا قارشى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى. جۇڭگودىكى كەڭ تېببىي خادىملار خەۋپ - خەتەرگە قارىماي پىداكارلىق كۆرسەتتى، بۇ خىل ئالىيجاناب روھ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. خەلققە چىڭ تايانساقلا، بىز چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پولشا جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگو تەرەپ پولشا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

دۇدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ۋاقتىدا كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توستى، مەن جۇڭگو خەلقى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان جۇڭگو داۋالاش خادىملىرىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار تەجرىبىلىرى پولشانىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. پولشا يۇقۇمنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە، داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋاقتىدا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت، بۇ پولشا - جۇڭگو چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ ناماياندىسى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى پۇختا، جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچىم بار. پولشا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن جۇڭگودا بالدۇرراق زىيارەتتە بولۇشقا تەقەززامەن.