گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شارائىتىدا ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئاكتىپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2020年03月23日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شارائىتىدا ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئاكتىپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شارائىتىدا بۇ يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تەستىقىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئاكتىپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنى ئاكتىپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش» يىلدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئاكتىپ، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىلمىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش تەلىپى بويىچە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئاكتىپ، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. يۇقۇم خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايونلار ئورمان بىنا قىلىپ، كۆكەرتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك؛ يۇقۇم خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال رايونلار مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئىش باشلاپ، ئۇچراشتۇرماي مەشغۇلات قىلىپ، تارقاق قۇرۇلۇش قىلىپ، ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىپ، كۆكەرتىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەشغۇلات لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنىڭ ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى، بولۇپمۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ كۆپ زىممىسىگە ئېلىشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورمان بىنا قىلىشنىڭ پەسىللىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. ئورمان بىنا قىلىش پەسلىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىياز پەسلىدىكى، يامغۇر پەسلىدىكى، كۈز - قىش پەسلىدىكى ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كۆچەت يېتىشتۈرۈش، تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يامغۇر پەسلى، كۈز - قىش پەسلىدىكى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ كۆچەت ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ئورمان بىنا قىلىنىدىغان يەرنى رەتلەشنى مۇددەتتىن بۇرۇن قانات يايدۇرۇپ، سۇ يىغىش، نەملىك ساقلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئورمان بىنا قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ۋە تارماقلار كۆكەرتىشنى جانلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئالاقە تورى+مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنى، ئاممىنى كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمانلاشقان شەھەر، باغ - ئورمانلاشقان شەھەر ۋە ئورمانلاشقان يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، گازارما، زاۋۇت، كان رايونى قاتارلىقلارنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يوللارنى كۆكەرتىش، ئېتىز - ئېرىق ئورمان تورى قۇرۇلۇشى، ۋادىدىكى سۇ - تۇپراقنى ساقلاپ ئېكولوگىيەنى تۈزەش ھەم سۇ سىستېمىسى توسمىسى، دەريا - ئۆستەڭ، كۆل - ئامبار ئەتراپىنى كۆكەرتىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تەبىئىي قانۇنىيەت ۋە ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، سۇغا قاراپ كۆكەرتىلىدىغان كۆلەمنى بېكىتىپ، سۇ مىقدارىغا ئاساسەن يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇۋاپىق يەرگە مۇۋاپىق دەرەخ تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنى ئىلمىي، قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە ماسلىشىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇتەخەسسىسلەر يىراقتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىلمىي تۈردە ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ ياخشى قوغداش كېرەك. يېڭىدىن بىنا قىلىنغان ئورماننى پەرۋىش قىلىش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئەي بولۇش، ئورمان بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دالىدىكى ئوت مەنبەلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك ئىگىلىك باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەرۋىش قىلىش، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قارىغاي يىپچە قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئامېرىكا ئاق پەرۋانىسى، قۇملۇق چېكەتكىسى قاتارلىق زىيانداش جانلىقلار ۋە چاشقان، توشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يېقىندىن دىققەت قىلىش ھەم ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورمان بىنا قىلىپ، كۆكەرتىش نىشان - مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى بويىچە، زىچ ماسلىشىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شارائىتىدا ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك.