شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年03月20日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامان ئەلپازدا كەلدى، جۇڭگو جەزمەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، چۈنكى بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار، كۆزىمىز يېتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، خەلقئارا يۇقۇم مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىشىپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئالاھىدە پەيتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قويۇق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى پۇختا، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - رۇسىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەھبەرلىكىدە، رۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى داۋاملىق بويلاپ ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاجايىپ نەتىجە - ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى تىزگىنلەپلا قالماي، يەنە دۇنيا خەلقىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ مۇھىم تۆھپە قوشتى، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەم بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. جۇڭگو يۇقۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە جۇڭگونىڭ نامىنى بۇلغىشىغا قارىتا بېرىلگەن ياڭراق جاۋاب. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، قويۇق ھەمكارلىشىپ، رۇسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.