شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2020年03月18日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەلق سارىيىدا پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا. يۇقۇم يۈزبەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىرىنچى ۋاقىتتا خەت ئەۋەتىپ مەندىن ھال سورىدى، بۇ قېتىم يەنە مەخسۇس جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھە بارلىقىنى ئاتاپ، جۇڭگو تەرەپكە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەت ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ھەقىقىي دوستلار، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئالاھىدە دوستلۇقى تارىخنىڭ تاللىشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىدا كۆپ نۇقتىدا قوزغالدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇم ئۇچۇرىنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. جۇڭگو تەرەپ يۇقۇمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىپ، يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ، پاكىستان تەرەپنى داۋاملىق مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ پۈتۈن ھاۋارايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز پاكىستاننىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇشىنى، گۈللىنىشىنى، قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۈشنى خالايمىز. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر پاكىستان بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ، جۇڭگو - پاكىستاننىڭ «جانجىگەر» دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ رەھبەرلەرنىڭ دائىملىق ئۆزئارا زىيارەت قىلىش ۋە ئۇچرىشىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە تۈر ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگە قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ چېكەتكە ئاپىتىنى تىزگىنلىشىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ.

ئالۋى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم، زور ئاكتىپ نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى، مەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن! ئاپەت ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاجايىپ رەھبەرلىك كۈچى، كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقمىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ تەجرىبە - ئۇسۇللىرى باشقا دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، جۇڭگو تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ. ئايرىم كۈچلەرنىڭ يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ «نامىنى بۇلغاش» ۋە ئۇنى يەككە قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدۇ. پاكىستان بىلەن جۇڭگو ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان «جانجىگەر» قېرىنداشلار، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. قانچىكى قىيىن پەيتتە، پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە نامايان قىلىش كېرەك. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنى خالايدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئاۋۋالقىدەكلا جۇڭگو تەرەپنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىستان - جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورىنى ياخشى قۇرۇشنى خالايدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارادا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەت جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ پۈتۈن ھاۋارايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.