شى جىنپىڭ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年03月18日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندىن بۇيان ئىسپانىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەسكىنلىشىش، يامراش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئاكتىپ نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئەڭ قىيىن، ئەڭ مۈشكۈل باسقۇچتىن ئۆتتى. ھازىر يۇقۇم كۆپ دۆلەت، كۆپ نۇقتىدا قوزغالدى، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى قوللانغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللايدۇ، ئىسپانىيە نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدۇ، ئىسپانىيە ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگو - ئىسپانىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتى ھەمدە يەرشارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ كەڭ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى خالايدۇ. «يامغۇردىن كېيىن ھامىنى ئاپتاپ چىقىدۇ»، ئىشىنىمەنكى، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو - ئىسپانىيە دوستلۇقى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

سانچېز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگو ئەزەلدىن بىر - بىرىنى قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ كەلدى، بۇ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتا تولۇق گەۋدىلەندى. ھازىر ئىسپانىيەنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن، جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيەنى ۋاقتىدا جىددىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئىسپانىيە خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئىسپانىيە خەلقى بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى كۈچىنىڭ بارىچە ياخشى قوغدايدۇ. يۇقۇم خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، ھەرقايسى دۆلەتلەر كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئىسپانىيە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسى بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىنىڭ ساغلام، ئامان بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!