شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年03月17日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەسكىن سىنىقىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. نەچچە ئاي جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش بولۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تېز ئەسلىگە كەلدى. بىز باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇپ، تىرىشىپ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق، ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى - تىزگىنلىشىگە ئىشەنچ بېغىشلايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىتالىيە ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار كەسكىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىتالىيە تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا تولۇق ئىشىنىدۇ. بىز ئىتالىيە تەرەپ ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئىتالىيە تەرەپكە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىمىز ھەم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى، «ساغلام يىپەك يولى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىم قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، جۇڭگو - ئىتالىيە ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

كونتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى، بۇ، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن غايەت زور ئىلھام بولدى، شۇنداقلا ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، ئىتالىيە تەرەپ تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىتالىيە تەرەپ قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە بەرگەن قىممەتلىك قوللىشى ۋە ياردىمىگە رەھمەت، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، مەن ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو تەرەپكە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئىشىنىمەنكى، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىتالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى جەزمەن تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.