«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قۇدرەتلىك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2020年03月16日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 6 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قۇدرەتلىك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈچ سىنىشىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى پەن - تېخنىكا بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ زور ئاپەت، زور يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئىلىم - پەن تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پەن - تېخنىكا سېپىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ھەم تەخىرسىز ۋەزىپە بىلىپ، كۆپ پەن كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بىخەتەر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىدە تېز بۆسۈش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قۇدرەتلىك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە، مۇھىمنىڭ مۇھىمى. پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئالدىنقى سەپتىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىلىنىكىلىق تەتقىقات بىلەن كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كىلىنىكىلىق ئالدىنقى سەپكە تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇش كېرەك. دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان ۋە تاللانغان ئۈنۈملۈك دورىلارنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىنقى سەپنىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەنە بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك داۋالاش دورىلىرىنى تاللاپ، يېڭى داۋالاش ۋاسىتىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ زور ئىمكانىيەت بىلەن يېنىك ئاغرىقلارنىڭ ئېغىر ئاغرىقلارغا ئۆزگىرىپ كېتىشىنى توسۇپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە قان پىلازمىسى، غول ھۈجەيرە، يەككە كىلونلۇق ئانتىتېلانى قوللىنىش قاتارلىق ئىلغار داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، ئېغىر ئاغرىق، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن كەسىپلەشتۈرۈش زەنجىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى، ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. ۋاكسىنا ساغلام كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم، بىخەتەرلىكىگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر بار بولغان كۆپ خىل تېخنىكا لىنىيەسىنىڭ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەلنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىلگىرىلىشىگە يېقىندىن ئىز قوغلاپ دىققەت قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنىڭ كىلىنىكىدا سىناق قىلىنىشى ۋە بازارغا سېلىنىپ ئىشلىتىلىشىگە بالدۇرراق تۈرتكە بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ۋاكسىنا زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىزدەپ ھەم ئۇنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىپ، كېسەل مەنبەسىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قاياققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك. ۋىرۇس ئاقسىلى بىلەن ئوخشاش بولمىغان قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ بىرىكىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، گۇمانلىق ھايۋانلارنىڭ ئارىلىق پارازىت ئىگىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى باھالاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى ۋە مەنبەسىنى ئىزدەش تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، دەللىك دەرىجىسى ۋە تاللاپ تەكشۈرۈش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئايرىۋېتىلگەن ئاممىنى پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاغرىقلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەلۇم جەريان كېتىدۇ، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ئاممىدا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەر خىل پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىمۇ پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەشكە موھتاج. ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر تەرەپتىكى كۈچلەرنى پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلى بىرلەشتۈرۈلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە پەن تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل ۋە بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس. بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىنى دۆلەت ئومۇمىي خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، پەن تەتقىقات بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە پەن تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلاشقان تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن كۆزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئىگىلەپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا قوللىنىش كېرەك. يۇقۇم يامراپ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەندىن كېيىنكى پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوماندانلىق قىلىش، ھەرىكەتكە كېلىش، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىپ، ئادەتتىكى مەزگىلدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى ياخشى تەييارلاپ، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە تېز قوزغىتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، جەمئىيەت پىسخىكا ساغلاملىقى، ئاممىۋى سەھىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ ياۋايى ھايۋانلارنى ئىستېمال قىلىشتەك ناچار ئادەتنى قەتئىي توسۇش، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆپ دۆلەتلەردە كۆرۈلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر، بولۇپمۇ يۇقۇم كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەتلەر بىلەن مەنبەنى ئىزدەش، تېببىي دورا، ۋاكسىنا، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.