شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە ھەرقايسى سەپلەردە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ ئايال قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

日期:2020年03月09日
来源:新疆日报
【字体:

«8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە

شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە ھەرقايسى سەپلەردە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ ئايال قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئايال قېرىنداشلارغا بايراملىق سالام يوللىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى«8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە ھەرقايسى سەپلەردە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ ئايال قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئايال قېرىنداشلارغا بايراملىق سالام يوللىدى!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، كەڭ ئايال تېببىي خىزمەتچىلەر ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھىنى نامايان قىلدى. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، كېسەلنى تىزگىنلەش خىزمەتچى خادىملىرى، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلارنىڭ ئارىسىدىكى ئايال قېرىنداشلار سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، سىجىل ساغلام بولۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋە ھەرقايسى سەپلەردىكى ئايال قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئايال تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يۈز مىليونلىغان ئايالنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.